11- باب: يېڭى بىر باشلىنىش

11- باب: يېڭى بىر باشلىنىش

نېيت يېرىم كېچە بولغان ئاخىرى ئويغاندى. ئۇ ئاغرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ قويدى. پېشانىسى ناھايىتى قىزىق ئىدى. نېيت قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرقى قېتىم قاچان تاماق يېگىنى ئېسىگە ئالالمايۋاتاتتى. قاراڭغۇ ياتاقتا بىرسىنىڭ سايىسى كۆرۈندى، بۇ سايە ھەممە كارىۋاتلارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى نېيتنىڭ يېنىدا توختىدى ۋە ئۇنىڭ بىلىكىنى سىلىققىنا تۇتۇشقا باشلىدى.
” نېيت، ” دېدى ھېلىقى سايە، ” مەن رىچېل. “
” رىچېل ” نېيت ئاستا پىچىرلىرىدى.
” مەن ھازىر يېنىڭىزدا، نېيت. ياراتقۇچى مېنى سىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتتى. “
نېيت قولىنى رىچېلغا ئۇزاتتى. رىچېل ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى،” سىز ئۆلۈپ كەتمەيسىز نېيت. ” دېدى ئۇ،” خۇدانىڭ سىز ئۈچۈن تۈزۈپ قويغان پىلانلىرى بار. “
نېيت بىرنەرسە دېيەلمەيتتى. ئۇ ئاستا كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە رىچېلنى كۆردى.
” راستلا سىزكەنسىز، ” دېدى ئۇ. ئۇ بۇنى چۈشۈممىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
ئۇ بېشىنى ياستۇققا قويدى. ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى يۇمشاپ، بوغۇملىرىمۇ ياخشى بوپ قالغان ئىدى. قىزىتما پېشانىسىدىلا قالغان بولۇپ، ئۇ يەنە قاتتىق ئۇخلاپ كەتتى. ئۇ چۈشىدە ئاپئاق كىيىنۋالغان، بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇچۇۋاتقان قىزلارنى كۆرۈۋاتاتتى. قىزلار نېيت ئىلگىرى ئاڭلاپ باققان ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقان بولۇپ، قىزلار نېيتقا باشقىچە تونۇشتەكلا بىلىنەتتى.

كېيىنكى كۈنى چۈشتە نېيت دوختۇرىنىڭ قوشۇلمىغىنىغا قارىماي دوختۇرخانىدىن چىقتى. نېيت دوختۇرخانىدىن رىچېلنى ئىزدىدى. ئۇ كۆرگەنلىرىنى جەۋىيگە ئېيتىپ بەردى. جەۋىي سېسترالاردىن رىچېل توغرىلىق سورىدى، لېكىن ھېچكىم رىچېلنى دوختۇرخانىدا كۆرمىگەن ئىدى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن جەۋىي رىچېلنى ئىزدەپ بازارنى پىيادە قېزىپ چىقتى. ھېچكىم پەنتەنېلدىن كەلگەن ئاق كىيىم كىيىۋالغان بىر ئايالنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى.
نېيت ۋالدېرنىڭ ئىشخانىسىدا سىتەڧوردقا تېلېڧۇن قىلدى.
” ھازىر قىزىتمام چۈشتى ، ” دېدى ئۇ، ” بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆيگە ئۈنۈپ بولىمەن. “
” بەك ياخشى بولدى. ھېلىقى ئايال توغرىلىق گەپ قىلىپ بەرسەڭ قانداق؟ “
” رىچېل پۇلغا پەقەتلا قىزىقمايدىكەن. ئۇنى بىرەر گەپكە كۆندۈرمەك مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم، ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم مەنمۇ. “
” كىممۇ بۇنداق جىق پۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرسۇن، نېيت. ئۇ پەقەت قوشۇلمىدىما؟ “
” ھەئە. جوش، ئۇ مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ خۇشال ياشاۋاتقان ئايال. ئۇ قالغان ئۆمرىنى ئاشۇ كىشىلەر ئارىسدا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە بەك مۇۋاپىق كېلىدىكەن. ئۇنى تەڭرى ئاشۇ يەرلەرگە ئۆزى ئەۋەتىپتۇ. “
” ئۇ ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدىمۇ؟ “
” ئىمزا قويمىدى. مەن كۆپ تىرىشتىم. مەن بۇلارغا ھەرگىز ئىمزا قويمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئىنتايىن خىجىلمەن، باشلىق. “
جەۋىي رىچېلنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلالمىغاندىن كېيىن نېيتنىڭ دېگەنلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ” دېنگې قىزىتمىسى(Dengue) سەۋەبىدىن شۇنداق نەرسىلەر كۆرۈنگەندۇ، ھەرخىل ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندۇ، ھەم ئەرۋاھلارغا ئىشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ” دەپ ئويلىدى جەۋىي كۆڭلىدە. لېكىن ئۇ يەنە رىچېلنى ئىزدەۋاتاتتى.
نېيتمۇ كوچىدا كىتىۋاتاتتى. ئۇ يىراقتىن بىر كىچىك چېركاۋنىڭ چىراقلىرىنى كۆردى. ” بەلكىم رىچېل چېركاۋدا بولۇشى مۇمكىن،” دەپ ئويلىدى ئۇ.
ئۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئۇرۇنداقتا ئولتۇرغان بەش ئادەمگە قاراپ چىقتى، رىچېلغا ئوخشايدىغان بىرەرسى كۆرۈنمەيتتى. كوچىدىن يەنە ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى. بىر يىگىت گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىقىلى تۇرغان ئىدى.
” ماڭا رىچېل كېرەك ” دەپ ئويلىدى نېيت. ئۇنىڭ بىلەن تۇرغاندا يوقاپ كەتكەن يۈكلەر يەنە دۇلۇمغا مىنگىلىۋاتىدۇ. ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشمغا ياردەم بەرمىسە بولمىدى. نېيت كۆزىنى چىڭ يۇمدى ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى. ياراتقۇچى ئۇنى كۈتۈۋاتاتتى.
ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئالدىكى ئورۇندۇقنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ۋە ئۇنىڭ دۇلىنى بېسىپ تۇرغان گۇناھلىرىنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ چىقتى. ئۇ ھەممە خاتىلىقلىرىغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ئۇنى بۇنىڭدىن ھېچنېمە توسۇپ قالالمايتتى. ئۇ ئاخىرى دۇئاسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش بىلەن تولغان ئىدى. ” ئى تەڭرىم، مەن بىر گۇناھكار، ” پىچىرلىدى ئۇ، ” ماڭا ياردەم بەرگەن بولسىلا. “
نېيت كۆزىنى ئېچىپ مەڭزىنى سۈرتتى. ئىچىدىن چىقىۋاتقان بىر ئاۋاز ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى. لېكىن نېيت گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ دېگەن نېيت ئوۋرايلىي- ھاراقكەش، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەن، شەھۋەتپەرەس، ئاتىلىق ۋەزىپىسىنى، ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغان ئاچكۆز ئادۇكات تۇرسا، شۇنداق ئىكەن ئۇنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازنىڭ ياراتقۇچى بولۇشى مۇمكىنمۇ.
ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ چېركاۋدىن چىقىپ كەتتى.

نېيت ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە رىچېلنى ئىزدىدى. كوچىلارنى ئارىلىدى؛ ئادەملەر توپىدىن ئىزدىدى؛ مېھمانخانىلارغا، كوچا بويلىرىدىكى قەھۋەخانىلارغا كىردى. لېكىن رىچېلغا ئوخشايدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتمىدى.
ئاخىرقى كۈنى نېيت ۋالدېرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ پاسپورتلىرىنى ئالدى. ئۇلار كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ۋەدە قىلىشىپ كونا دوستلاردەك خوشلاشتى. ئىككىلىسى ئەمدى كۆرۈشەلمەيدىغانلىنى ياخشى بىلەتتى. جەۋىي ئۇنى ئايرودۇرۇمغا ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويدى. جەۋىي ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇرۇشنى ئويلاتتى. ئۇ يولدا نېيتتىن ياردەم سورىدى.
” ماڭا خىزمەت تېپىپ بەرسىڭىز بۇلاتتى، ” دېدى ئۇ.
نېيت ھېسداشلىق بىلەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى خىزمىتىنى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
” مەن ئىزدىنىپ باقاي، ” دېدى ئۇ.
ئايروپىلاندا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئايال بىر قۇتا پىۋا كەلتۈرۈۋالغان بولۇپ، نېيت قۇتىغا بىردەم قاراپ تۇردى. ” ئەمدى ئىچمەيمەن، ” دېدى ئۇ ئۆزىگە. ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، ياراتقۇچىدىن ئۆزىنى كۈچلۈك قىلىشىنى تىلىگەندىن كېيىن كۈتكۈچىگە قەھۋە بۇيرۇتتى.

بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن پەسكە تۆۋەنلىدى. ۋاشىنگتون قېلىن بىر قات قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، جوش ئۇنى ئايرودۇرۇم سىرتىدا ساقلاۋاتقان ئىدى.
” بىر نەچچە كۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ تۇرغىن، ” دېدى جوش.
” رەھمەت. “
” ئۆزۈڭنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسەن؟ “
” بوپ قويىدۇ، شۇ ئازراق ئاجىزلاپ قالغان ئوخشايمەن. باشقا ئىش يوق. “
ئۇ بىر دەم جىمجىت مېڭىشتى. يولدىكى قاتناشلار ناھايىتى ئاستا يۈرۈۋاتقان ئىدى. بىردەمدىن كېيىن نېيت ئۆزىنىڭ ئەمدى ئىشىلىمەيدىغانلىقىنى جوشقا ئېيتتى.
” نېمىشقا؟ “
” بەك چارچىغان ئوخشايمەن. “
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېيت پەنتەنېلدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى جوشقا ئېيتىپ بەردى. ئۇ رىچېل توغرىلىق يىپتىن-يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى ۋە پۇلنىڭ ۋە ھېلىقى ھۆججەتلەرنىڭ گىپىغا كەلگەندە رىچېل نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى.
” ئەگەر ئۇ تروينىڭ بۇ مىراسىنى ئالمىسا، بۇ پۇللار ترويغا تەۋە بولۇپ تۇرىۋىدۇ، ” دېدى جوش،” ناۋادا باشقا مىراسخورلار بىرقانداق قىلىپ يۈرۈپ تروينى روھى كېسەل دەپ ئىسپاتلىيالىسا، ئۇنداقتا ۋەسيىەتنامىمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تروينىڭ يەتتە بالىسى ئۇنىڭ پۇللىرىنى تەڭ بۆلۈشۋالىدۇ. ئەگەر رىچېل يەنىلا ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالمىسا، ئۇنىڭغا تېگىدىغان مىراسنىمۇ ئالتەيلەن بۆلۈشۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ھەربىرى مىليارد مىراس ئالىدۇ. “
” ناۋادا رىچېل مىراسنى ئالمايمەن دېسە، بىز يەنە نېمىشقا بۇ ۋەسىيەتنامىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز؟ ” سورىدى نېيت.
” ئالدى بىلەن ھەم ئەڭ مۇھىمى، فىلەن ئەپەندىم بايلىقلىرىنى ئۆزى خالىغىنى بويىچە مىراس قالدۇرغان. مەن ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى قوغدىمىسام بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ بالىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ بالىلىرىنىڭ بۇ پۇللارغا ئېرىشىپ قېلىشىنى ئازراقمۇ خالىمايدۇ. ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن-ئۇلارنىڭ مىليارد دوللار پۇلغا ئېرىشىپ قالسا نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغۇم يوق. ئۈچىنچىدىن، رىچېل بەلكىم قارارىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. بىز بۇ ۋەسىيەتنامىنى قوغدىمىساق بولمايدۇ، نېيت. ئەمما، رىچېلنىڭ ئادۇكاتى بولۇشى كېرەك. ” جوش نېيتقا قارىدى.
” سىز مېنى ئۇنىڭ ئادۇكاتى بولغىن دەۋاتامسىز؟ “
” باشقا ئامالىمىز يوق، نېيت. بۇ ئىشخانىدىن كىتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ ئىشنى قىلىۋەتكىن. ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ رىچېلنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىساڭلا بولىدۇ. بىز باش سوتچىنى ئىزدەپ بېرىپ سېنىڭ رىچېلنى تاپقانلىقىڭنى، رىچېلنىڭ سوتقا كېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەم ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى، شۇنداقلا سېنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىپ بېرىشىڭنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىمىز. “
” سودىيەگە يالغان ئيتتىمىز دەڭ. “
” ئازراقلا يالغان ئېيتىمىز، نېيت. “
” جوش، مېنىڭ شەھەردە تۇرغۇم يوق. قەيەردە تۇرسام بۇلار؟ “
” مېنىڭ چېساپىك قولتۇقىدىكى ئۆيۈمدە تۇرۇپ تۇر، ” دېدى جوش، ” ئۇ ئۆي مىكائىل كوچىسىدا، بۇ يەردىن ئىككى سائەتلىك يول. قىشتا ئۇ ئۆيدە تۇرمايمىز. ساڭا ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە ماشىنا بىلەنلا شەھەرگە كىرسەڭ بولىدۇ. “
نېيت جوشنىڭ پىلانىغا قول قويغان ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ پىلان بەك ياخشى ئىدى، بۇ دەۋا سوتخانىغا چىقمايتتى، ئۆزىمۇ بىر نەچچە ئايلىق چىقىمىنى غەملىيەلەيتتى.
” ھەر ئايلىقى 10 مىڭ دوللار ئىش ھەققى بىرىمەن، ” دېدى جوش.
” ھۆكۈمەتتىكىلەر مەندىن باج سوراپ كەلدىمۇ راست؟ “
” ئۇلار ئەمدى ئىزدەپ كېلىشى مۇمكىن. سەن ئۇلارغا كۆپ پۇل تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ. ئۇلار پىراۋىنى بەش يىللىق مۇسادىرە قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىر نەچچە ئايغىچە سېنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ. “
” جوش، سىزگە كۆپ رەھمەت. ” نېيتكە يەنە ھاردۇق يەتكەن بولۇپ، قاراڭغۇ ئۆيدە، ئۆزىنى ئىسسىق، يۇمشاق كارىۋاتقا تاشلاپ ئۇخلىۋالغۇسى كېلىۋاتاتتى.

مىكائىل كوچىسىدا 13 مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە دۇكانلار، قاتار-قاتار كونا بىنالار بار ئىدى. جوشنىڭ ئۆيى گرىين كوچىسىدا بولۇپ، قارىماققا كىچىك پورتقا ئوخشايتتى. ئالدى ھويلا بىر مېتىردەك قار ئاستىدا قالغان بولۇپ، نېيت ماشىنىسىنى توختىتىپ، پېشايۋانغا قاراپ ماڭدى.
ئۆي ئىچى رەتلىك ھەم پاكىز بولۇپ، جوش ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچى بىر ئايال كېلىپ ئۆينى تازلاپ تۇرىدۇ دېگەن ئىدى. نېيتنىڭ كۆڭلى قەھۋە تارتىپ تۇراتتى، لېكىن ئۆيدە قەھۋە يوق ئىدى. نېيت ئىشىكنى تاقاپ بازارغا قاراپ ماڭدى. بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولۇپ، ھەممە دۇكانلار تاقاق ئىدى. ئۇ ماڭغاچ دۇكانلارنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئىچىگە قاراپ چىقتى. شۇنداق تۇرغاندا ئالدى تەرەپتىكى چىركاۋدىن قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى.
نيېت چېركاۋغا كىردى. چېركاۋ ناھايىتى نەپىس سېلىنغان بولۇپ، ئىچىدە بىر نەچچە ئادەملا بار ئىدى. قېلىن كۆزئەينە تاقىۋالغان، قىزىل بۈدۈرە چاچلىرىغا ئاق چۈشىشكە باشلىغان ۋىجىك پوپ ڧىل لەڭكىستېر ئىشىكتە قاراپ تۇرغان ئىدى.
ئۇلار ناخشا ئېيتىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى. پوپ ڧىل ئاخىرقى رەتتە تۇرغان نېيتقا دىققەت قىلىپ قاراپ قويدى. ئۇلار ئۆز-ئارا كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى.
نېيت ئىسسىق ھەم كىچىك چېركاۋدا ئولتۇرۇۋاتاتتى. بۇ يەردە قاتتىق بۇرانمۇ يوق، قىزىپ قالىدىغان ئىشمۇ يوق، شەھەرلەردىكىدەك ۋەھىمىلىك ئىشلارمۇ يوق ئىدى. نېيت ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ياراتقۇچى ئۇنى بىريەرلەرگە باشلاۋاتتى، نېيت قايسى تەرەپلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇنىڭدا قورقۇنچ يوق ئىدى.
نېيت چېركاۋدىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا پوپ ڧىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتتى،” خۇش كەپسىز، ” دېدى ئۇ، ” ئۈچ بىرلىك چېركاۋىغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمەن. “
” مەن نېيت ئوۋرايلىي بولىمەن. ۋاشىنگتوندىن كەلدىم. سىتەڧوردنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتىمەن. “
” سىزنىڭ بىزگە قوشۇلغانلىقىڭىزدىن بەك سۆيۈندۇق. قاچاندىن بۇيان بۇيەردە تۇرۇۋاتىسىز؟ “
” ئەتىگەنلا كەلدىم. “
” ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرىدىغان ئوخشىمامسىز؟ “
” شۇنداق. “
” ئايالىم قار ياغسىلا شورپا تەييارلايدۇ، بەلكىم تەييار بوپ قالدى. يۈرۈڭ، بىزنىڭكىدە چۈشلۈك تاماق يەپ ئاندىن قايتىڭ. ئۆيىمىز چىركاۋنىڭ ئارقىسىدىلا. ” ڧىل نېيتنىڭ قولىنى تارتىۋاتاتتى، ” قانداقسىگە بۇ يەرگە كەپ قالدىڭىز؟ “
” دېسەم گەپ ئۇزۇن.”
” بەك ياخشى بولدى! مەنمۇ، لورامۇ ھېكايە ئاڭلاشقا بەك ئامراق. تاماق يىگەچ ھېكايىڭىزنى ئاڭلاپ چىقىدىغان بولدۇق-تە. “
” نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ ” ئويلىدى نېيت. يەنە كېلىپ جوشنىڭ ئۆيىدە يەيدىغان ھېچنېمە يوق ئىدى.
لورا چېركاۋنىڭ كەينىدە چىراقلارنى ئۆچۈرىۋاتقان بولۇپ، ڧىل ئۇنىڭغا نېيتنى تونۇشتۇردى. لورانىڭ چاچلىرى ئاقارغان بولۇپ، قارىماققا ڧىلدىن چوڭدەك كۆرۈنەتتى. ئۇ چۈشلۈك تاماققا مېھمان كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالمىغان ئىدى.
نېيت تاماق يىگەچ ئۆزىنىڭ بىرازىليە سەپىرىدە يولۇققان قاتتىق بورانلار، كىچىك قولۋاقلار، قوپال ئىندىيانلار توغرىلىق سۆزلەپ بەردى . ئۇ ھېكايىسىنى تۈگىتىشىگە سوئاللار يېغىپ كەتتى. ڧىلنىڭ مىسسىئونىر ئايال ھەققىدە- ئۇنىڭ ئېتىقادى، ئىندىيانلار بىلەن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بار ئىدى.
نېيت پوپنىڭ ئۆيىدىن قايتقاندا سائەت3 بولاي دېگەن ئىدى. ڧىلنىڭ قاراڭغۇ چۈشكىچە خۇشال-خۇرام گەپلىشىپ ئولتۇرغۇسى بار ئىدى. لېكىن نېيتنىڭ بىردەم ئايلانغۇسى بار ئىدى. نېيت ئۇلارنى خېلى بۇرۇنلا تۇنۇيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدى.
نېيت جوشنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر يەردىن بىر دۇكاننى ئۇچراتتى ۋە كىرىپ قەھۋە، بوتقا ۋە پېچىنە-پىرەنىك سېتىۋالدى. پوكەيدە بىر نەچچە بوتۇلكا پىۋا تۇراتتى، نېيت پىۋىلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئۇ ھاراق-پىۋا دېسە دۈم چۈشىدىغان كۈنلىرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىدىن خۇشال ئىدى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72