خىياللار قەسىرى

قۇم يىغىلىپ دۆڭ بولىدۇ

بۇ سۆزنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەنچە ئاڭلاپ باققان. لېكىن، مەنىسى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلاپ باقتىڭىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنغۇم كەلدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا- بەزى ئىشلارنى بىر ئازدىن كىيىن ياكى كىيىنراق قىلساممۇ بولىدۇ-غۇ، دەپ تاشلاپ قويىمىز. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشى چىقىدۇ-دە، ۋاقتىدا قىلمىغان ئىشلىرىمىز بىر ياقىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بىردەمدىلا بىر دۈۋە …

مۇساپىرنىڭ ھېيت-ئايەملىرى

جىسمىمىز قايناق شەھەرلەردە، ئەمما روھىمىز ئاشۇ توپىلاڭ كوچىلارنى، يالاڭ ئاياق ئوينايدىغان قۇملۇقلارنى ئەگىپلا يۈرىيدۇ. روھىمىز ئەنە شۇنداق ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ قايسى بىر كوچىنىڭ دوقمىشىدىن چىقىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئولىشىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ… بولۇپمۇ ھېيت-ئايەملىرىمىز يېتىپ كەلگىنىدە. مەسچىتتىن بىر خىل خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىسەن، دوستلار بىلەن بىر قاتار سالاملىشىسەن. ئەتراپقا …

ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگنىڭ قەدىرلىك كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش… ئوقۇرمەنلىرى.  قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بەلەن-ئوبدان تۇرۇشتۇلىمۇ؟ يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. نېمە دېمەكچى بولغانىلىقىمنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلار. (ئەقىللىق،ھۇششار تور پۇخرالىرى-دە، ھەممىڭلار. ھى..ھى…) گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بلوگچىلىققا كىرىپ لاغايلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ (گەرچە پىشقەدەملەر سېپىگە تېخى كىرمىگەن بولساممۇ). ئۇنى-بۇنى يېزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولدۇم. بلوگ يېزىپ يۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۆرلەپ …

رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار ئويلىساڭ، دۇنيادىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ قوچاقلىشىپ تۇرغان بىر تىز سىزمىسى خىيالىڭدىن كېچىدۇ… ئەمما ئاشىقنى قايسى خىل …

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.