بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار ئويلىساڭ، دۇنيادىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ قوچاقلىشىپ تۇرغان بىر تىز سىزمىسى خىيالىڭدىن كېچىدۇ… ئەمما ئاشىقنى قايسى خىل …
ئەنە، چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە، ئادەم سۆڭىكى. ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى. لېكىن ئىنسان كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى. ئەنە، قۇپقۇرۇق سۆڭەك خۇددى بىر قاقشال تەكلىماكاندىكى. ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى… يەتمىدى يەنە. ئوتۇنچى بوۋاي تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى… شۇندىلا ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ …