تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

مەنىسىزلىكتىن چىقىش

ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرى بار. مېنىڭ ھەم شۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرىم بار ئىدى. شۇ گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى كىچىك ۋە تىمتساس يېزىدىن كىچىك يېشىمدىلا ئايرىلغان ئىدىم. ئانام قىيمىغان ئەمما زور ئىشەنچ بىلەن؛ دادام بولسا بۇنىڭغا ئانچە رازى بولمىغان بىر پوزىتسىيەدە يولغا سالغان ئىدى. يېزىدىن شەھەرگە. شەھەردىن مەركەزگە، مەركىزدىن يەنە يوچۇن شەھەرلەرگە ئاشۇ ئارزۇلارنى قوغلاپ قانچە …

تاقەت ۋە سەبىر

تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ، ياشلىق باھارىڭ ئۆتمىدى. باشقىلار ئېيتۇر ساڭا ئاق ساچلىرىڭنى دوق قىلىپ، سىرت ئالدىتار، ئىچنى كۆرۈشكە كۆزلەرى …

ئىمكانسىزلارنىڭ ھېيتى مۇبارەك بولسۇن

ئۆزۈڭ قايناق بازارلاردا… روھىڭ يىراقلاردىكى مىھرى ئىسسىق توپىلاڭ يوللاردا؛ ئەقىلىڭ يىراقلاردىكى ئۆزى قانچىلىك ئەلەم چەكسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ھەر بىر جانلىققا ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مىھنەتسىز جاپاكەشلەردە… بەدىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك داڭلىق شەھەرلەردە سەيلىدە….ئەمما كۆڭۈل ھەر قېتىم قايتقىنىڭدا سېنى بىكەتتىن ئالغىلى كېلىدىغان، ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئىتىپ يولۇڭغا قارايدىغان ئاشۇ ئۈمىدۋار …

كورونا ( يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى) دىن كېيىنكى دۇنيا

ئىلاۋە: 2020- يىلى كىرگەندىن كېيىن خەۋەرلەردە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقمىدى: ھېلى چوڭ كۆلۈملىك ئوت ئاپىتى، ھېلى خېمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشلار، چىكەتكە ئاپىتى… دېگەندەك. ئەمما ھېچقايسىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا تىركىشىۋاتقان كورونا ۋىروسىدەك دۇنيانى پالاچ قىلىپ قويمىغان ئىدى: دەسلەپتە شەھەرلەر سىرتقا تاقالدى؛ كېينچە ھەتتا دۆلەتلەر چىگراسىنى تاقىدى؛ كىشىلەر ئۆيىگە بەنىت بولدى… بۇ ۋىروسنىڭ ئوتۇرغا چىققىنىغا ئالدى-كېينى بولۇپ ئۈچ …

سوغۇقنىڭ ھېكايىسى (كېيىن قويۇلغان)

ئىنتايىن سوغۇن بىر ئاخشىمى بىر مىليادىر سىرتتا نامرات بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.  مىليادىر بوۋايدىن سوراپتۇ: بۇنچە سوغۇقتا چاپانمۇ كىيمەپسىز، سىرتتا تۇرۇپ توڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ” چاپىنىم يوق، ھەم بۇنداق سوغۇققا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن.” دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بوۋاي. ” مېنى بىردەم ساقلاڭ. ئۆيگە كىرىپ سىزگە بىر چاپان ئاچىقىپ بىرەي” دەپتۇ مىليادىر ۋە ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ. بوۋاي بەكلام خوش بولۇپتۇ …