بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن!!!

مەزكۇر تەرجىمەمنى مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان، مەن ئۈچۈن كېچەيۇ-كۈندۈز جاپا چىكىپ كېلىۋاتقان قەدىردان ئانامغا بېغىشلايمەن.
بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن، ئەزىز ئانا!

 

بۇ سۆزلۈرۈم شۇنداق بىر ئايالغا تەقدىم. ئۇ شۇنداق بىر ئىنسانكى، ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ماڭا كۆڭۈل بەرگەن،

يۈرىكىم شەكىلگە كىرمەستىنلا يۈرىگىمنى ئاسىراپ پەپىلىگەن،

توققۇز ئاي ئۆزىگە ” بۇنداق قىلىشىم ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ” دېگىنىچە، كۈچلىرى خوراپ، مادارى قالمىسىمۇ، گۇگۇمنى سەھەرلەرگە ئۇلاپ چىداپ كەلگەن

تۇغۇت ئۆيىگە كىرگەندە ئاندىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن.

تۇنجى رەت ئۇنىڭ كۆزىگە سۆيگۈ كۆرۈنگەن ئىدى

ئاندىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنى كىچىككىنە مەن بولغان ئىدىم.

ئۇ شۇنداق بىر ئايال ئىدى، پۇتلىرىمنىڭ ئىسسىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزنىڭ بىرلا يېپىنچىسى بىلەن پۇتلىرىمنى ئورايتتى،

بۇ يېپىنچىغا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىرىپمۇ چىقمايتتى، ھەمىشە مېنىلا ئويلاتتى؛

ئۇ شۇنداق ئايال ئىدى،  ھەر كۈنى سوغۇقتا توڭلاپ تۇرسىمۇ بىز كىيىپ سېلىپ قويغان كىيىملەرنى يۇيۇپ يېيىپ قويۇش ئۈچۈن  بۇرۇنلا ئويغۇنناتتى،

ئوچاقنىڭ ئالدىدا سائەتلەت ئۈرە تۇرۇپ بىزگە مەزىلىك تائاملارنى تەييارلايتتى.

قاچانكى بىز ئۆيدە بولماي قالساق، ئۇنىڭ كۆڭلى بىسارامجان بولاتتى

كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچاتتى.

ئۇ پۈتۈن كېچىنى تېلىفۇننىڭ يېنىدا ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى، لېكىن مەن بىر قېتىممۇ تېلىفۇن قىلىپ قويمايتتىم.

ئۇ تېخىمۇ ئەنسىرەپ ماڭا ئۇچۇر يوللايتتى: ئوغلۇم، سېنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمەيۋاتىدۇ. سېنىڭ بىخەتەر ۋە ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىڭنى بىلسەملا بولاتتى.

شۇنداقلا ئاغىرىپ قالسام  ئۇ كېسىلىمگە نېمىنىڭ دورا ئىكەنلىگىنى ھەمىشە بىلەتتى.

ئويلايمەنكى، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن مۇھاببىتى  كېسىلىمگە ئەڭ ياخشى دورا. بۇنىڭدىنمۇ ساپ دورا بولسۇنمۇ كېسەللەرگە؟

ئالاھىدە رىتسىپ بويىچە تەييارلانغان ھەسەل چايلار، قولدا تەييارلانغان لىمون سۈيى… تەييارلا تۇرسا، مەن يەنە نېمىلەرنى سوراي ئۇنىڭدىن.

اللە قا مىڭ مەرتىۋە شۈكرىكى، ھەممە ماختاشلار ياراتقۇچىغا بولسۇن.

 

سۆيۈملۈك ئانا، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۈچۈنلا قىلدىڭىز، بېر قېتىممۇ ” قېنى مېنىڭ مۇكاپاتىم؟ ” دەپ ئېيتىپ باقمىدىڭىز.

ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، كىچىكلىكىمدە سىزنى ياتاق ئۆيىڭىزدىن چاقىرىپ ئاچىقمىغۇچە ئۇخلىمايتتىم؛

مېنى ئۇخلىتىپ قويۇڭ، سۆيۈپ قويۇڭ دەپ تۇرىۋالاتتىم.  مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا سىز ئەلۋەتتە يېنىمدا بۇلاتتىڭىز.

مانا ھازىر چۈشىنىۋاتىمەن، ئانا. ئۆتكەن ئاشۇ يىللاردا ماڭا بىرىپ كەلگەن مېھرى-مۇھاببىتىڭىز قەلبىمدىن كۆتىرىلىپ كېتىشى  ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسكەن.

 

سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن. بۇ سۆزلىرىمنى سىزگە ئىلگىرى ئېيتمىغانلىقىمدىن خىجىلمەن، ئانا.

ھەممە ئىشلار  ئۈچۈن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بەكمۇ خىجىلمەن، ئانا.

قىلغانلىرىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ

سىز ماڭا قانداق ئۆمىلەشنى ئۆگىتىشىڭىز بىلەنلا  سىزنى تاشلاپ كېتىپ قالغانقىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

ئۆيدە ئاددىيلا بىر ئىشنى قىلىۋېتىشنى ئېيتقىنىڭىزدا، سىزگە “ئۇھ..ئوھۇي” دېگەنلىكىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

قوللىرىڭىز قاپىرىپ كەتكەن ئاشۇ ۋاقىتلاردا سىزگە ئەلۋەتتە ياردەملەشسەم بولاتتى، بىر يەرلىرىم چۈشۈپ قالمايتتى،

سىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىمدە تۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئالدىڭىزدا يېلىنچىلاپ خىجىلمەن، ئانا.

سىزنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە مەندە ئىمكان بولماي قالدى،

سىز ئولتۇرۇشنى ئويلايدىغان ماشىنىلارنى ئېلىپ بېرەلمىدىم، ساياھەت قىلىشنى ئىستەيدىغان دۆلەتلەرگە ئاپىرالمىدىم. بۇ ئىشلىرىم ئۈچۈن ئالدىڭىزدا خىجىلمەن،

ئانا.

بۇنىڭدىنمۇ يامان بولغىنى، سىزگە شۇنداق كۆپ مۇشاقەتلەرنى سالدىم،

سىزگە كېچە-كېچىلەپ ئاراملىق بەرمەيتتىم، تېلفۇنلىرىڭىزنى ئالماي قوياتتتىم،

ھەتتا سىز بىلەن ئورۇشاتتىم،، ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ،

ئۆي ئىچىنى مەينەت قىلاتتىم، قالايمىقان قىلاتتىم،

كىيملىرىممۇ كىيىم ئىشكاپلىرىغا ئەسلا كىرمەيتتى.، مېنى كەچۈرۈڭ، ئانا.

مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردىڭىز، بۇ قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن ئەزەلدىن بېرەر نەرسە تەلەپ قىلمىدىڭىز.

ھەتتا ماڭا ئانا بولغاندىن باشلاپ سىزنى ئانىڭىزدىن ئايرىپ تاشلىدىم.

ئانىڭىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇنى سېغىنىدىغانلىقىزنى بېلىپ تۇراتتىم.  يۈرىكىڭىزگە نېمىنىڭ قېلىچتەك سانچىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بېلەتتىم.

قۇلۇمدىن كەلگەن بولسا  ئىدى، ئاشۇ  قەلب يارىڭىزغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولار ئىدىم.

ئەمما، ئانا، سىزگە ۋەدە بېرەي. بۇلارنىڭ ھەممىسنى تولۇقلىۋالىمەن، سىز دائىما سۆيىنىدىغان ئوغلىڭىز بولىمەن.

ئانا، مېنى ئەپۇ قىلىڭ، قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈڭ، ئانا.

قىلغان ھەربىر ئىشلرىم ئۈچۈن،

كىچىكلىكىمدە دۆتلىكىمدىن، بىلمەسلىكىمدىن قىززىقچىلىقتا قىلىپ سالغان ئىشلىرىمنى كەچۈرىۋېتىڭ، ئانا.

قەدىردانىم، ئانا! سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى سۆيىمەن.

سۆز بېرەيكى، ھېچبىر كىشىنى سىزدىن ئۈستۈن قويمايمەن.

ئىككىمىزنىڭ مۇھاببىتىگە باشقا بىراۋلارنى قىستۇرىۋالمايمەن، ھەتتا توي قىلىپ ئاياللىق بولغىنىمدا ھەم سىزنىڭ ھەمىشە  خانىشىىم بولىشىڭىزغا سۆز بىرىمەن.

 چۈنكى سىز مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەزىز، ئانا. بۇنى تەرىپلەپ بېرەلىگۈدەك ئىنسان تىلى دۇنيادىن تېپىلمايدۇ.

بۇ دۇنيادا مەيلى نەدىلا بولماي، ھەرنېمە قىلىساممۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بولالايمەن ئانا.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى اللەتىن تىلەيمەن:  ئاللاھىم، كىچىكلىكىمدە ئانام ماڭا كۆيۈنگىنىدەك، ئانامغا مەرھەت قىلغىن.

ئاخىردا، باقى دۇنياغا ئاتلىنىشڭىزدىن بۇرۇن سىزگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىلتىماسىم بار، ئانا.

اللە جەننەتنى پۇتلىرىڭىز ئاستىدا قىلىپتۇ، جەننەتنى بىز ئۇچرىشدىغان ئاداققى ماكان قىلىپ بېرىشىنى سوراپ اللە قا دۇئا قىلغان بولسىىڭىز ئانا!


ئەسلىدىكى ئىنگىلىزچە تېكىست:

 

To the woman that loved me before I was born

To the woman that held my heart long before it had formed

To the woman who was left sleepless from dusk until dawn with weakness upon weakness for nine moths long, telling herself it would all be worth it soon

And she rest assured for when she finally made it through to that hospital ward

It was love at first sight

The second she saw: me

I mean she is a type that would give up her only sleepers just to make sure my toes were warm

See she would always favor me despite the fact that she always needed it more

She would wake up early every single more to stand freezing in a cold hanging up clothes we had worn

Stand up in front of the stove for hours cooking bowls of food we would swarm

And whenever we weren’t home, her heart would be torn

I mean she could never sleep wherever we were gone

She would stay up for the whole night next to the phone although I would never call

So she sends me text messages: please I cannot sleep… just let me know that you are safe and secure

And whenever I was sick, she would always know what was the cure

I mean the love she gave to me was the best medicine that was pure

A prescription of tea honey and handmade lemonade what more could I ask for

Al Hamdulillah! All praise to the lord

You did it all for me how once ever asks for a reward

What I mean that I still remember the nights when I was small, I could never go to sleep until I would call to you out from the bedroom door

Tuck me and kiss me please and you would always be there for sure

See the love you game to me for all these years

It is impossible to ignore.

I love you ya Umma and I am sorry that I never told you all this before

I am sorry for everything mum

I am sorry for it all

I am sorry for leaving you as soon as you taught me how to crawl

I am sorry for saying uff every time you would ask me to complete a simple chore

It doesn’t make me less of a man to give you a hand whenever your arms get sore

I am sorry again and again for all the promises I fell short

And I am sorry I cannot give you the life you wish for

The car you dreamt of and the countries you wish to explore

But most of all, I am sorry for all the pain that I caused

For the nights you didn’t sleep and for all those missed calls

For all the fights we had and for all the broken walls

The dirty room with the mess floor

And for clothes that weren’t packed back into their drawers

And for all the sacrifices you made that are never once ever recalled

Like when you became my mother I meant to try to move away from yours

I know how much you love her and miss her and I know what cuts you deep like a sword

But if it was up to me to see as much as I can afford

So I promise to make it up to you and become the son that you always adored

From now on, so forgive me. Forgive me for it all

Forgive me for everything I have ever done

Never since I was young, stupid and dumb just looking to have fun

Dear Mum I love you, I love you

I promise to never out anybody else above you

No let anybody come in between and even if I get married and I promise you will always be my queen

Because there is no words in this world that can let you know how much you really mean to me

Nor is there anywhere in this world that I could ever repay you

So instead I pray every day for you that Allah has mercy on you, the same way you had mercy on me

And I have one last request for you before you leave please

!!Since Allah put paradise beneath your feet, please ask Allah to let paradise be the place where we finally meet, Ameen

[ ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى .This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish ]


ئاتا-ئانىلىرىمىز ھەمىشە ئامان بولسۇن.  كەرەملىك ياراتقۇچىنىڭ رەخمىتى ئۇلار ئۈستىدە بولسۇن!
 تەرجىمىدە خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى كىچىكلىك بىلەن سورايمەن.
2015-يىلى 10- ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشەنبە
تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72