ئاپئاق ئارزۇ

 

يەرشارى خارەكتىرلىك كىلىمات ئىللىپ كىتىش ھادىسى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەممىنىڭ ئاغىزىدا بار ئىدى. يېقىندىن بۇيان بەزى دەرسلىكلەردە تاسادىبى بۇ گەپنى ئۇچۇرتۇپ قالمىسام خەۋەرلەردىمۇ ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيدىغان بولدۇم. شۇنىڭغا قارىغاندا كىلىمات قايتىدىن سۇۋۇۋاتقان بولسا كېرەك. راست، يېقىندا سەھرايى كەبىردىكى ئەسىرلەپ قار يۈزى كۆرۈپ  باقمىغان يەرلەردىمۇ قار ياغدى دەپ ئاڭلىدىم.

بۇ يىل بىر ئايالنىڭ ( چەي جىڭ ) جوڭگودىكى ھاۋا بۇلغىنىش ھەققىدە ئىشلىگەن بىر ھۆججەتلىك ڧىلىمى توردا خېلى قىززىدى دەپ ئاڭلىدىم. توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم. سانلىق مەلۇماتلار، ھاۋا بولغىنىشنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىرى ھەققىدىكى گەپلىرى خېلى توغرا ئېيتىلغاندەك. ئىلگىرى سىرتقا چىقسا ئەزەلدىن ماسكا دېگەن نەرسىنى تاقاپ چىقىشنى ئويلاپ باقمىغان، مەندەك ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ كارى يوق يۈرىيدىغان ئادەمنىڭ تۇيۇقسىزلا سىرتنىڭ ھاۋاسىغا دىققەت قىلىدىغان بوپ قالغىنى، سىرتقا چىققاندا ئۆزى ئاجايىپ يىراقلاردا، لېكىن شۇنچىلىك سۆيۈملۈك قېرىندىشى قالدۇرۇپ قويغان ماسكىنى تاقاپ چىقىشنى ئويلاپ قېلىشى ( بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە تالاي رەت بېرىشىڭىز با يارەي دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك، مانا ھازىر ھەر كۈنى ئەزىزلەرنى ئەسلىگەچ ماسكا تاقاۋاتىمەن سىرتقا چىققاندا. ) ناھايىتى قىززىق.  ھاۋانىڭ بۇلغىنىۋاتقىنى چىن بولسا كېرەك. بولسا كېرەك ئەمەس، كەسكىن شۇنداق. ئىلگىرىكى ساپ ھاۋا نەلەردە قالدى؟ قەيەرلەرگە قاچتى؟ ھېچ يەرگە قاچمىدى. بىز ئىنسانلار بىردەملىك مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن ھاۋانى مەغرۇر ھالدا بۇلغاۋاتىمىز. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ” بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار ” دېگەن ئاجىز سادالىرى تەرەققىياتنىڭ ياڭراق ئاۋازىلىرى ئارىسىدا ئىڭراپ ھالىدىن كەتكىلىمۇ ئۇزاق بولدى. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ئىنسانلار پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئويلاش ھەققىدە ئەڭ يۇقۇرى ئۇنۋان ئالغۇچە ئوقۇتىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلار شۇنچىلىك يىراق، ئەمما ئېنىق بىر كەلگۈسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا يىتەكلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئىنسانىيلىك بۇلغانغان يەردە، ئىنساننىڭ جىسمى بىلەن روھىغا تۇغۇلمىشىدىن مۇجەسسەملەنگەن ئەسلى ئۆزلۈك ئېڭى يىمىرىلىۋاتقان يەردە ھاۋانىڭ بولغىنىشى، كىلىمات ئىللىشى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كىتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.

ئەمما ياشايمىز، ياشاۋاتىمىز شۇنچىلىك ئۈمۈدلىك. ھاۋا بولغىنىپ زامانىۋى كەپىلىرىمىزگە چىڭ مەھكۇم بولۇپ قالساقمۇ يەنە بىرىلگەن تىنىقنى ئاخىرغا ئاچىقىشقا مەجبۇرمىز. ئاشۇ كەپىلەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن مەنمۇ، نۇرغۇن دوستلۇرۇممۇ. ھەممە دوستلىرىمىنىڭ ئاجايىپ شىرىن ئارزۇلىرى بار. مەنمۇ ھەركۈنى ئاپئاق ئارزۇ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. ئارزۇلىرىم شۇنچىلىك ئاق.

ئىلگىرى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىمكەن، ئويلاپ باقسام ھازىرمۇ شۇنداق ئارزۇ قىلىدىكەنمەن، يەنە قاچانغىچە مۇشۇ مەۋھۇم ئاقلىققا قاراپ خىيالغا پاتارمەن!؟

ياۋا گۈل بولۇپ تاغ-ئىرالاردىن ئۈنۈپ چىقسامكەن.

ياۋا گۈلنىڭ ئۆمرى بەكلا قىسقا دەۋەتامسىلەر سايەملەر؟

ھىم، ساپلىق، ئەركىنلىك دېگەن شۇنداق نەرسە بولسا كېرەك. ئۆمرى قانچىلىك قىسقا بولسىمۇ لەززىتى ئۆزگىچە.

قارا، تاغ-ئىرالارنىڭ ئاسمىنىكى ھاۋالارغا. تەرەققىياتنىڭ قانىتى ئۇلاردىن يىراق. ئەنە شۇ يەرلەدە ئۈنگەن گۈللەرنى ھېچكىم چەيلىيەلمەيدۇ. ئۇلار بەلگىلەنگەن قانۇنىيەت بويىچە باھاردا تاغ-ئىرالاردىن ئۆسۈپ چىقىپ، باھارنىڭ ئىللىقلىقىدىن، يازنىڭ ئاپتىپىدىن، شاماللىرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالىدۇ. كۈزدە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان ئاشۇ ئەزىز تۇپراق قوينىغا كۆمىلىدۇ.

شەھەرلەردىكى گۈللەرگە قارا. بۇلغانغان شەھەرلىرىمىزگە ھۆسۈن قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. قۇلاق كەستىلەر ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆزۈپ تاشلاۋاتىدۇ؛ ئاڭقاۋ-ھاكاۋۇرلار ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەۋاتىدۇ؛ زۆرىيتى بولسا ئۇلارنى قۇمۇرۇپ تاشلاۋاتىدۇ، ھايۋانلىرىغا يەم قىلىۋاتىدۇ، ئەخلەتخانىلىرىغا ” زىننەت ” قىلىۋاتىدۇ. شەھەرلىك گۈللەرگە نېمە كۈن بۇ ؟ شەھەرلەرگە ھۆسۈن قوشۇپ، ھاۋانى خۇشپۇراق قىلىپ ئۇلار خاتا قىلدىمۇ؟ ئىززەت-ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك ئىدىغۇ ئەسلى.

شۇڭا دەيمەن، گۈللەرنى يۇلغۇچى ئەمەس، شەھەرلىك گۈلمۇ ئەمەس، ئاشۇ يىراق قىرلاردا ياۋا گۈل بولۇپ ئۈنۈپ چىقسام.

يىراق تاغ-ئىرالاردا بولسىمۇ،

چۆل-جەزىرىلەردە بولسىمۇ،

تەبىئەتنىڭ ئىنئامىدىن قېنىپ-قېنىپ ھۇزۇرلانسام، باھاردا ياشىرىپ، كۈزدە ياپراق تاشلىساممۇ.

ئاشۇ چۆل-جەزىرە، تاغ-ئىرالارنىڭ كىچىكلا زىننىتى بولۇپ، ئۆزۈمگە نىسىپ بولغان ئاشۇ بىر باھار، بىر يازنى مەنىلىك، تىنچ-خاتىرجەم ئۆتكۈزسەم. ئاخىرقا تىنىقلىرىمدا ئۆزۈم ئۆسۈپ چىققان تۇپراقنىڭ ھىدىنى ھىدلىغىنىمچە، ئۆزۈمگە تۇنۇش بولغان ئاشۇ شامال، يامغۇر، قۇياش نۇرى، ئەتراپىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەك دوستۇمغا قارىغىنىمچە، يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ماڭا ” تۈگىمەس ناخشا ” ئېيتىپ بىرىدىغان قۇشلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىمچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇلارغا خوش دىيەلىسەم، ” مەن گۈل يۇلغۇچى بولۇشنى ئەمەس، ياۋا گۈل بولۇپ تەبىئەت ئانىنىڭ زىننىتى بولۇشنى تاللىدىم. ۋەدەمدە تۇردۇم. ” دېيەلىسەم، ماڭا چۆل-جەزىرىلەر، تاغ-ئىرالاردا ئۈنتۈنسىز ھەمراھ بولغان قەيسەر ھەمراھىم بىلەن بىرگە، ياپراقلىرىم شاماللارغا، ھىدلىرىم ھاۋالارغا قوشۇلۇپ، تەنلىرىم ئانا تۇپرىقىمغا قېتىلسا يەنە قانداق ئارمانلار قالار ئىدى، يەنە نېمە ئارزۇلار بۇلار ئىدى بۇ كىچىكىنە يۈرەكتە-ھە!؟

كىشىلەرنىڭ ئۈنلۈك ۋاقىراشلىرىدىن ئەندىكىپلا كەلگەن، سىرتتا ئەنسىز ۋۇيۇلدىغىنىچە ئۆتۈشۈپ تۇرىغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازىدىن خۇددى ئاشۇ ماشىنىدا ئۈنسىز يېتىۋاتقان كىشى ئۆزىنىڭ سايىسىدەك ياكى قايسى بىر يېقىن سۆيۈملۈكلىرىنىڭ سايىلىرىدەك بىلىنىپ كىتىپ ئىختىيارسىز تىپپرلاپ سوقۇپ كىتىدىغان، بۇلغانغان قاپقارا ھاۋالارنى سۈمۈرۈپ تۇرخۇن كەبىي بوپ قالايلا دېگەن ئۆپكىنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ تۇرغان ئاشۇ كىچىككىنە يۈرەكتە يەنە قانداق ئارزۇلار بولماقچىدى دەيسىز.

ھاۋا شۇنچىلىك بۇلغانسىمۇ يۈرەكلەردە ئاپئاق ئارزۇلار يەنىلا بار. سەھرايى-كەبىرلەردە ياققان ئاشۇ خاسىيەتلىك قارلار، كۆزلىرىمىزدىن، خىياللىرىمىزدىن ئۇزاقلىشىپ كىتىۋاتقان يىراق سەھرالاردىكى ياۋا گۈللەر ئارزۇنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھامان ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

تاغدىن-باغىن خىيال قىلىپ ئولتۇرغۇچى: تىۋىش بلوگى يازغۇچىسى

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72