قاغا ۋە توز — كىم ئەڭ بەخىتلىك؟The Crow and Peacock- Who is Happy

قاغا ۋە توز– كىم ئەڭ بەخىتلىك؟ بىر قاغا بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھەقىقەتەن رازى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئاققۇنى ئۇچۇرىتىپ قاپتۇ. ” بۇ ئاققۇ ئاپئاق ئىكەن، مەن بولسام قاپقارا…” دەپ ئويلاپتۇ قاغا، ” ئاققۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇشمۇ نېمە.” شۇنىڭ بىلەن قاغا ئويلىغانلىرىنى بېرىپ ئاققۇغا ئېيتىپتۇ. ” ئەمەلىيەتتە،” جاۋاپ بېرىپتۇ ئاققۇ، ” ئاشۇ ئىككى خىل رەڭلىك …

ئەڭ گۈزەل يۈرەك -The most beautiful heart

  ئەڭ گۈزەل يۈرەك بىر كۈنى بىر ياش يىگىت بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كىشىلەرگە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى. “ھەي ئادەملەر. ماڭا قاراڭلار. مېنىڭ يۈرىكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.” نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئازراقمۇ ئەيىبى يوق بولۇپ ئادەمنى  خېلى ھەيران قالدۇرۇپ قوياتتى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا …

بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن!!!

مەزكۇر تەرجىمەمنى مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان، مەن ئۈچۈن كېچەيۇ-كۈندۈز جاپا چىكىپ كېلىۋاتقان قەدىردان ئانامغا بېغىشلايمەن. بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن، ئەزىز ئانا!   بۇ سۆزلۈرۈم شۇنداق بىر ئايالغا تەقدىم. ئۇ شۇنداق بىر ئىنسانكى، ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ماڭا كۆڭۈل بەرگەن، يۈرىكىم شەكىلگە كىرمەستىنلا يۈرىگىمنى ئاسىراپ پەپىلىگەن، توققۇز ئاي ئۆزىگە ” بۇنداق قىلىشىم ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ” …

تەڭقىسلىق

    ئىش بىجىرگۈچى راست-يالغان ھۆججەت ئىسپاتلارنى ئالدىغا تارتتى ۋە ھەربىرنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدا بىر خىللا مەيۈسلىنىپ قاراپ تۇرغان كىشىگە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ ئاخىرى ئىشىنى تۈگەتتى. يالغان ئېيتتى، نۇرغۇن ماددىي ئىسپاتلارنى تەييارلىدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئىشىنى ئاخىرى تۈگىتىۋالغان ئىدى. لېكىن ئۇ  ئۆزى تىزراق پۈتىشىنى ئارزۇ قىلغان بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى پۈتكەنلىكىدىن …

قاتىل ۋە سوتچى

سوتخانا ئىشىكى ئۇچۇق ئىدى. مانا بۇ سوتنى ھەقىقى ئۇچۇق سوت دېيىشكە بولاتتى. ئۇ سوتخانا ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالغىنىچە تۇرۇپ قالدى:  كۆز ئالدىدا كەڭ كەتكەن بىر مەيدان، نە تۆت تەرەپتە تېمى، نە دەرىزىسى يوق؛ ھەتتا سودىيە ئۈستىلىمۇ، جاۋاپكارلار تۇرىدىغان، ئادۇكاتلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ يوق. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىچە بولسا سوتخانا دىگەن سىرتتىن قارىماققا بىر قاراشتىنلا …