يېڭىلىش (مۇشۇنىمۇ شىئىر دەمدىمىز؟)

ئالدى بىلەن ماۋزۇدىكى سۇئالغا ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي قىسقىغىنا.

چوڭلار قاپىيەسى بولمىسا، ھېچبىر مەناسى بولمىسا قانداقسىگە شىئىر بولىدۇ دەيدىكەن؛ يېڭىياچىلار شىئىردا قاپىيە، رېتىم… دەيدىغان بىر نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك دەيدىكەن. ماڭا نىسپەتەن، بەزىدە سۆزلەرنى قاپىيەگە تىزىپ باقىمەن، مەنالاردىن يىراقلاپ كىتىمەن؛ بەزىدە قاپىيە-رېتىم دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن، يازغانلىرىمنىڭ تولىسىنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەي قالىمەن.  شۇڭا دەيمەنكى، يازغانلىرىم شىئىرمۇ ئەمەس، نەسىرمۇ ئەمەس، پەقەت ناگان-ناگاندا قەلەم ئېلىپ بالىلارچە تىزىپ باققان سۆز قەسىرلىرىدىنلا ئىبارەت. 

يېڭىلىش

شەھۋەتلىرىڭ ساناقسىز ئىكەن،

ھەۋەسلىرىڭ سېھىرلىك ئىكەن،

باھانىمۇ، بىلەر كىم، دۇنيا،

بەس، تەبىئەت ئاجىز دەيدىكەن.

كىيىم كىيىپ يۈرۈپ شەھۋەتلەر

يۇشىراركەن ئۆزىنى شۇنچە

ئاجىز بولمىش كىچىك بىر ئىنسان

قارۇن، پىرئەۋىن خۇددى ئۆزىچە

گۆركىرەركەن ياۋۇز شىر كەبى:

دۇنيا!

سەن ھېچنىمە ئەمەس ئالدىمدا

مەن شاھىنشاھ، سەن بولساڭ قۇلۇم

ھۆرلىگىڭ يوق، مەڭگۈ سەن ھېقى.

ئەمما، دۇنيا

قۇل قىلاركەن

گول قىلاركەن

قۇرۇق ئىمىزگە سېلىپ ئېغىزغا.

خار قىلاركەن

قەبرىلەرنى تار قىلاركەن

كىبىرلەرنى، ھەۋەسلەرنى قوشۇپ ئەسلى تېمىزغا.

كىبىرلىك ئىنسان

چاغلار ئىكەن ئۆزىنى بىر، ئالەملەر ئارا،

ھەۋەسلىك ئىنسان

توسۇقلارنى يوچۇقتىن مارا

ئوۋ ئوۋلاركەن، كۆڭۈللەر يارا،

“ھەي، بۇ ھەۋەس”

دەركەن، “ئاھ! نە ئامال ئاڭا…”

ھەۋەسلەر،

ئوتتۇراھالنى ياراتمىغان ھەۋەسلەر

چەكتىن ئاشقان كۈرەڭ ھەۋەسلەر

ئارامىنى بۇزۇپ ئىنساننىڭ

جانىغا جان قوشۇپ شەيتاننىڭ

قىلدەك تىلىپ ۋىجدان گۆشىنى

ئىچىنى بۇزۇپ، تۈزەپ تېشىنى

تېتىتقۇلار چېچىپ يەتكۈدەك

تاشلاپ بەرسە، گويا غالجىر ئىت

ئامان قالماس ئىكەن ھەتتا پىت…

شۇندا، زامان

ئۆتەر ئىكەن

كېچەر ئىكەن

تۇتۇق بەرمەي، بىردىن ئۆزگىگە.

توساتىنلا كېلەر ئىكەن ئىنسان ئۆزىگە:

ھەي، ھەي دۇنيا

ھەۋەسلىرىڭ، شەھۋەتلىرىڭ

ئالدار ئىكەن، قويار ئىكەن.

تويماس ئىنسان، مەغرۇر ئىنسان

ئاڭا ھېچبىر قىيالماستىن ئۆتەر ئىكەن.

مادارلىرى، باھارلىرى خورىغاندا

جەسەت بولۇپ، خار-زار بولۇپ

دەسمايىسىز، قۇرۇق قوللا كېتەر ئىكەن

باقىيىغا ئۆمىلەپتۇ قايتار ئىكەن

كۆڭۈللەردە شىرىن بىر تەما:

ئەي دۇنيا!

بېرىلگەيمۇ بىر پۇرسەت يەنا…

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 73

ئىنكاسلار

  1. ئاداش مەنچە بۇنى ئەڭ ئىسىل شئېر دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.چۈنكى ئاددى،چۈشۈنۈشلۈك ئىبارىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئادەمنى ئويلاندۇرۇدىغان چوڭقۇر مەنالار يۇشۇرۇنغان.ئاداش بۇنى سىلە “پەقەت ناگان-ناگاندا قەلەم ئېلىپ بالىلارچە تىزىپ باققان سۆز قەسىرلىرىدىنلا ئىبارەت.”دەيسىلەر،ئويلاپ قالدىم،ئەگەر سىلە ھەركۈن قولۇڭلىغا قەلەم ئېلىپ سۆز قەسىرلىرىنى چوڭلارچە تىزىپ باقساڭلار،ئۇ زامان قانچە ئىسىل يازمىلار روياتقا چىقار ھە.

    • شىئىرىمنى ياقتۇرغانلىغىڭلىدىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۆيۈندى. رەخمەت ئاداش. بۇ شىئىرنىمۇ شۇ ئۆتكەندىكىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز بىرنەرسە يازغۇم كەپ قېلىپ يېزىپ باققانتىم، سۆزلەر قەسىرى دېيىشىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ ئاداش. ھى…ھى.. لېكىن ئاشۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى، يەنى سۆز دۇردانىلىرىدىن ھېكمەتلىك قەسىرلەرنى تىزىپ چىقىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى مەنمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
      ئەلۋەتتە، سېلەرنىڭ قوللاپ مەدەت بېرىشىڭلار بىلەن بۇ كۈنلەرمۇ كەلگۈسى،….

Comments are closed.